قايغۇ-ھەسرەت خۇشاللىققا بىشارەت

ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىدا ھالسىرىغان، تۇرمۇشنىڭ ئېگىز-پەس داۋانلىرىدا قايمۇققان، ھىجران ۋە ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازابلىرىدا ئۇھسىنىۋاتقان قېرىندىشىم! قايغۇرماڭ! (إن مع العسر يسرا).

ھەر قىيىنچىلىققا ئاسانلىق، ھەر قايغۇغا خۇشاللىق، ھەر زۇلمەتكە يورۇقلۇق قوشكىزەكتۇر. ھەر كېچىنىڭ بىر ساباھى، ھەر زىمىستاننىڭ بىر باھارى بار، ئەلۋەتتە. 

بېشىمىزغا كېلىۋاتقان ھەربىر مۇسىبەت ياكى قىيىنچىلىق بىزنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلىش ئۈچۈن، ياكى بىزنى رەببىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ۋە ياكى سەبرىمىزنى سىناش ئارقىلىق بىزنى جەننەتكە تېخىمۇ لايىق قىلىش ئۈچۈن رەببىمىز تەرىپىدىن كەلگەن ئىمتىھاندۇر. 

ھەر ئايرىلىشنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ، ھىجراننىڭ، كۆزىڭىزدىن ئاققان ھەربىر تامچە ياشنىڭ سىز بىلمەيدىغان ھېكمىتى بار. (عسى ان تكرهوا شيئا وهو خير لكم ) بىز يامان كۆرگەن ياكى بىزنى ئازاپلىغان ئىشلارنىڭ كەينىگە بىز بىلمەيدىغان سىرلار ۋە ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، چۈنى بىزگە ئاتا- ئانىمىزدىنمۇ مېھرىبان رەببىمىز بىز ئۈچۈن زىيانلىق بولغان ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر قىلمايدۇ ۋە بىزگە تەقدىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئەلۋەتتە رەببىمىز تەرەپتىن بەلگىلەنگەن بىر ياخشىلىق بولغان بولىدۇ. تەقدىرىڭىزگە رازى بولۇڭ، تەقدىرگە رازى بولۇش ھورۇنلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىككە ئەمەس، بەلكى سەبىر ۋە غەيرەتكە باشلايدۇ.

«مۆمىننىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ئەجەپلىنەرلىكتۇر، نېئمەت بېرىلسە خۇشال بولىدۇ، شۈكۈر قىلىدۇ، ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، مۇسىبەت كەلسە قايغۇرمايدۇ، سەبىر قىلىدۇ، ئەجىرگە ئېرىشىدۇ». بۇ ھەدىس بىزگە نىئمەت ۋە مۇسىبەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

دوستۇم قايغۇرماڭ! قايغۇرۇش بىلەن ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ھايات دەۋراندۇر؛ ئاچارچىلىققا توقچىلىق ، زۇلـمەتگە نۇر، قورقۇنچقا خاتىرجەملىك، قۇللۇققا سەلتەنەت ھەمراھتۇر. 

يۈسۈپلىرىدىن ئايرىلىپ ھىجراندىن يۈرەكلىرى ئۆرتەنگەن، يىغلاپ كۆزلىرى ئەما بولغان ياقۇپلار قەلبلىرىگە «فصبر جميل» سۆزلىرىنى مەلھەم قىلسۇنكى، ئايرىلغانلارغا ھامان بىر كۈن ۋىسالنىڭ، مەھكۇملارغا ھۆرلۈكنىڭ، ئېغىر دەرتلەرگە بۈيۈك ھېكمەتنىڭ، كېسەللەرگە داۋانىڭ، رەنجىگە شىپانىڭ،ياخشىلىققا ئەجىرنىڭ، ئۈمىدلەرگە ناۋانىڭ يار ئىكەنلىكىنى، يۈسۈپلىرىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتمىسۇن. 

فىرئەۋىنلەرنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ پەرزەنتىنى باغرىدىن سۇغۇرۇپ دەريادا ئېقىتىشقا مەجبۇر بولغان قەلبى مەجرۇھ مۇسانىڭ ئانىلىرى قايغۇرمىسۇنكى، پىرئەۋەن ھۇزۇرىدا پەپغەمبەر يېتىشتۈرگەن مۇسانىڭ رەببى ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. 

مۇقەددەس يۇرتنىڭ سېغىنىشىنى كۆزىگە سۈرمە قىلىپ، مەدىنە بوستانلىقرىدىن مەككە تاغلىرىغا قاراپ ياش تۆكۈۋاتقان مۇھاجىرلار قايغۇرمىسۇنكى (انا فتحنا لك فتحا مبينا) ئايەتلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئوچۇق بىشارەتتۇر. 

قۇللۇقنىڭ، خارلىقنىڭ، مەھكۇملۇقنىڭ ئازابىدا قەلبى ئۆرتىنىۋاتقان،ئازاپ چېكىۋاتقانلار قايغۇرمىسۇنكى،  (صبرًا آل ياسر فإن موعدكم الجنة) سەبىر قىلىڭلار ئەي ياسىر ئائىلىسى! سىلەرنىڭ ۋەدە قىلىنغان ئورنۇڭلار جەننەتتۇر»سۆزى ئۇلار ئۈچۈندۇر.

ئۆز زامانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدىلا ئەتىۋار بولۇپلا قالماستىن يۇرت- جامائەت ئىچىدىمۇ  ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، بايلىقىنى كەمبەغەللىككە، راھەت تۇرمۇشىنى غۇربەتچىلىككە، ئەتىر-ئەنبەرلىرىنىڭ خۇش- پۇراقلىرىنى كۆمۈر ياكى تېزەك تۈتۈنلىرىگە، مەخمەل كۆرپە- تۆشەكلىرىنى قۇمۇشنىڭ بورا-سامانلىرىغا تېگىشىۋەتكەن زامانىمىزنىڭ مۇسئەبلىرى قايغۇرمىسۇنكى، فىردەۋس جەننەتلىرى ئۇلارغا ماكاندۇر. 

سىناقلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ئارقىدىن رەببىمىزنىڭ ھېكمىتى تەجەللى بولىدۇ. ئەمما بۇ ھېكمەت جاپالىق  سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش، ئەڭ ئېغىر ۋاقىتلاردىمۇ ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە قەتئىي ئىرادە، تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن ۋەدە قىلىنغان پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ۋە توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ! 

ھايات بىر ئىمتىھاندۇر؛ ئاغرىق- سىلاق، ئايرىلىش، يوقىتىش، ھىجران، يوقسۇللۇق، ھەتتا بايلىق تىن ئىبارەت تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىلىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىمتىھانىمز بولىدۇ ۋە ئەڭ گۈزەل كېلەچەك ئىمتىھانلىرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن بەرگەنلەرگە مەنسۇپتۇر. 

غەم- قايغۇ ۋە ئازاپ- ئوقۇبەت ئىنساننىڭ جىسمانىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، روھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. ئالەملەرنىڭ ۋە ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىمىز بىز بىلەن بىللە ئىكەن؛ قايغۇرماڭ! دەردىڭىز بولسا دەرتتىنمۇ بۈيۈك رەببىڭىز سىز بىلەن بىللىدۇر.

Yorum bırakın

E-posta adresiniz yayınlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir